2010 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىكەن

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت مىقتارى 22 مىليون 280 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي بويىچە 3 - ئورۇننى ئىگىلىگەن. 2010 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خام نېفىت مىقدارى 50 مىليون توننىغا يېتىپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

بۇ يىل 2 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارىماي شەھىرىگە جايلاشقان نېفىت شىركىتى 10 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەت 2008 - يىلى زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، خىتاي نېفىت تەرەققىياتى تارىخىدا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىنغان پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان بىردىن بىر نېفىت شىركىتى بولۇپ قالىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر قېتىمدا ئىشلەپچىقىرىدىغان خام نېفىت مىقدارى 19 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇنىڭدىن 300 خىلدىن ئارتۇق نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. (ئەقىدە)