ئۇيغۇر ئېلىدىكى 66 نېفىت قۇدۇقى تاقىۋېتىلمەكچى


2005.08.21

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان 66 نېفىت قۇدۇقىنىڭ يېقىندا تاقىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يىغىندا مۇشۇ يىلى 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلىپ، بۇ مەزگىلدە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ چىققان كان ۋەقەلىرى ۋە قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ئارىدا، جىلىن ئۆلكىسىمۇ بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان 70 نەچچە كان قۇدۇقى تاقاشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۆتكەن جۈمە كۈنى جىلىندىكى فېڭگۇئاڭ كۆمۈر كانىنىڭ 5 - قۇدۇقغا سۇ كىرىپ كېتىپ، 16 كىشى قۇدۇق ئاستىدا قالغان ئىدى.

خىتايدا كان ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا كان ھادىسىسىدا ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ سانى 2700 گە يەتكەن. ئەمما مۇستەقىل تەشكىلاتلار، بۇ ساننىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چۈنكى كان مەسئۇللىرى جەرىمانىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ، ئۆلگەنلەر سانىنى قەستەن ئاز مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.