سانجى ئوبلاستىدا قانۇنسىز نېفىت قېزىش ئەھۋالى بايقالدى
2005.09.22
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ قانۇنسىز نېفىت قېزىش ئەھۋاللىرى بايقالدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرىمۇ بۇ رايوندا كۆپ قېتىم قانۇنسىز نېفىت قېزىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى سەيشەنبە كۈنى، سانجى ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ ۋە جىمسار ناھىيىسىدىكى قانۇنسىز نېفىت قېزىش نۇقتىلىرىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.
ئەركىن ئىمىرباقى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنسىز قېزىلغان 31 نېفىت ئورنىنى دەرھال ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ بۇ قېتىملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېچىلغان نەق مەيدان يىغىنىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، نېفىت ئوغۇرلاش ۋە قانۇنسىز نېفىت قېزىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشىنى باھانە قىلىپ، نېفىت قېزىش سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان، نېفىت ئوغرىلايدىغان ۋە قانۇنسىز قازىدىغان ئىچكى ئۆلكىلەردىن كېلىدىغان "پارتىزان شەكىلدىكى نېفىت قازىدىغان ئەترەتلەر" نىڭ ئاپتونوم رايونغا كىرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
- خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 66 نېفىت قۇدۇقى تاقىۋېتىلمەكچى
- 2010 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىكەن
- تارىمنىڭ نېفىت گازى تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا يەتكۈزۈلدى