ئۇيغۇر رايونى خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كۇچارنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت-خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىشنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىگە توشۇش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەنى بۇ مەھسۇلاتلارنى ھازىرقى مەۋجۇت تۆمۈر يول بىلەن توشۇش ئېھتىياجنى قاندۇرۇلمىغان. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى شىنجاڭ خۇئاتېڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، 40 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 75 مو كېلىدىغان مەزكۇر نېفىت –خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ توشۇش بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ بازا خىتاينىڭ تارىم ۋادىسىدىن ھەر كۈنى قېزىۋاتقان نېفىتلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى تېزلىتىش ھەم يۆتكەش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغان. ھازىر، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ تۆت چوڭ نېفىت-خىمىيە سانائەت بازىسى ئىش ئېلىپ بارماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان نېفىت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش سۈرئىتىنى تىزلەتمەكتە. (ئۈمىدۋار)