قازاقىستان پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاتاۋغىچە تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى. بۇ قۇرۇلۇش قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن قورۇن ئېلىش يولىدا باسقان مۇھىم قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قۇرۇلۇش قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.
خىتاي بىلەن قازاقىستان پەيشەنبە كۈنى ئاتاسۇدىن ئالاتاۋغىچە تۇتۇشىدىغان بۇ 1000 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلىشىنىڭ پۈتكەنلىكى ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزمەكچى.
قازاقىستان-خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولى بۇنىڭ چەكلىنىپ قالمايدىغان بولۇپ، قازاقىستان دائىرىلىرى 2011- يىلىغىچە ئاتاسۇ-ئالاتاۋ تۇرۇبا يولىنى كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى نېفىتلىقلارغا قەدەر ئۇزارتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(پەرىدە)