تەڭرىتاغ تورى پەيشەنبە كۈنى، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ بۇ يىل ئېلىپ بارغان نېفىت تەبىئى گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە زور نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن 287 مىليون توننا نېفىت زاپىسى رايونىنى بايقاش بىلەن بىرگە 82 قۇدۇق قېزىپ، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1000 توننا ئاشۇرغانلىقى، پەقەت 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق بەلۋېغى ئەتراپىدىلا 100 مىليون توننىلىق نېفىت زاپىسى بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ ئارىدا شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى تور بېتى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ چوڭ قېتىشقان نېفىت - گازلىق توپى بايقالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، تارىمدىكى يېڭى مەھەللە نېفىتلىكىدە بايقالغان گازلىق توپىدا يىلىغا 2 مىليارد 500 مىليون كۇبمېتىر تەبىئى گاز، 500 مىڭ توننا قېتىشقان خام نېفىت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ گازلىق توپى تارىم نېفىتلىكىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەشتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى گازلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كېيىن ،2 - تۈركۈمدە ئېچىلىدىغان گازلىق توپى ھېسابلىنىدىكەن شۇنىڭدەك غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇربا لىنىيىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ، بىراق چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە بۇ زېمىندە ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈنىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)