ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت ئېنىرگىيە سانائىتى سەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچتى


2006.02.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سالغان خۇسۇسى كارخانىلار ئىچىدە سەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە جېجياڭلىق خىتاي سودىگەرلەرنىڭ مەبلىغى ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت، كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىپ سالغان ئومۇمى مەبلىغى24 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ مەبلىغى 10 مىليارد يۈەننى تەشكىل قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، سەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ رايونغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىدا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سەندۇڭلۇقلار بىلەن بولغان يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى نېفىت ۋە مىھمانخانا كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان.

ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ سەندۇڭلۇق كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى لى گۇيشىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سالغان سەندۇڭ كارخانىلىرىنىڭ سانى 700 دىن ئاشىدىكەن. جېجياڭلىقلار بولسا رايوننىڭ تاشقىي سودا ۋە تۇقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى كونترول قىلىۋالغان.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ رايوندىكى مەبلىغى 8 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، رايوندا بۇ كەسپ بويىچە سودا قىلىۋاتقان ياكى زاۋۇت ئاچقان جېجياڭلىقلار 150 مىڭدىن ئاشىدۇ. گۇاڭدۇڭلۇقلار بولسا ئاساسلىقى كىيىم كېچەك، ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇلارنىڭ رايوندىكى مەبلىغى 6 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا، دەپ ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي رايوندا يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ئىشسىزلىق داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت