ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2 نېفىتلىك 2005‏- يىللىق يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ بايقاش بولۇپ باھالاندى

يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2 نېفىتلىك، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بولغان ئامېرىكا نېفىت گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن " 2005‏- يىللىق يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىكى يېڭى بايقاش" بولۇپ باھالاندى.

ئامېرىكا نېفىت گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى 2006‏- يىلى 1‏- ئايدا نەشىردىن چىقارغان "قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى" جورنىلىدا، "2005‏- يىللىق يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت گازىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىكى يېڭى بايقاش" نى ئېلان قىلدى. جەمئىي 8 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 28 قىدىرىپ تەكشۈرۈش تۈرى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىگە خىتاي نېفىت گۇرۇھىغا تەۋە بولغان تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئوتتۇرا تارىم 82‏- نومۇرلۇق قۇدۇقى بىلەن شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى يەنسىخەي 5‏- نومۇرلۇق قۇدۇقى كىرگۈزۈلگەن.

ئۆتكەن يىلى 8‏- ئايدا ئوتتۇرا تارىم 82‏- نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ 2‏- ئۆلچەش قاتلىمىدا يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت گاز ئېقىمى بايقالغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ زور بايقاش قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىكى يېڭى ساھەنى كېڭەيتكەن. ئەمدى يەنسىخەي 5‏- نومۇرلۇق قۇدۇق بولسا جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يېڭى بايقاش شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى يەنسىخەي قۇرۇلما بەلبىغى ئارقىلىق تاۋار نېفىت گازى ئېقىمىغا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈش-تەتقىقات مۆلچەرىدىن قارىغاندا، يەنسىخەي 5‏- نومۇرلۇق قۇدۇقتىكى نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقى تەخمىنەن 106 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەرنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. (پەرىدە)