ئالاتاۋ - ئاتاسۇ نېفىت تۇرۇبا يولىدا پات يېقىندا نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدۇ
2006.05.09
قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا قۇرۇلغان ۋە خىتاينى يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالاتاۋ - ئاتاسۇ نېفىت تۇرۇبا يولىدا بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ رەسمىي نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدۇ.
"بېيجىڭ ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان مەزكۇر نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 806 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى ئوتتۇرا قازاقىستاننىڭ قۇمقۇل نېفىتلىكىدىن باشلىنىدۇ.
2005 - يىلى 11 - ئايدا تامانلانغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرچە خىتاينى يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇشقا جۇڭگو نېفىت شىركىتى قازاقترانز نېفىت ۋە قازاقمۇناي گاز شىركىتى قاتارلىق گۇرۇھلار بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان.
لېكىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقمۇناي گاز بىلەن قازاقترانز نېفىت شىركىتى " بېيجىڭ ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. جۇڭگو نېفىت شىركىتى 2005 - يىلى كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت - قازاقىستان شىركىتىنى سېتىۋالدى. بۇ شىركەتنىڭ نېفىتلىكى ئوتتۇرا قازاقىستاندا ئىدى.
قازاقىستان دائىرىلىرى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ 2011 - يىلغىچە كاسپىي دېڭىز بويىدىكى نېفىتلىككىچە 3000 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ۋە نېفىت ئېقىتىش سىغىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن نەزەربايېۋ خىتاي - قازاق مۇناسۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- قازاقىستان-خىتاي تۇرۇبا يولىدا نېفىت ماڭغۇزۇلماقچى
- قاراماي-ئۈرۈمچى نېفىت تۇرۇبىسى پۈتتى
- قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇرۇبا يولى يېقىندا پۈتىدۇ
- خىتاي قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزدى