خىتاي خۇسۇسىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت قىدىرىشىغا يول قويماقچى بولۇۋاتىدۇ
خىتاي مەمەلىكەت ئىچىدىكى خۇسۇسى شىركەتلەرگە كىچىك ۋە ئوتتۇرا كۆلەمدىكى ئويمانلىقلاردا نېفىت قىدىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سىياسەت ئاساسلىقى خۇسۇسىلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت، تەبئىي گاز قىدىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا قىزىقتۇرۇشنى مەقسەد قىلغان، دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي نېفىت خەۋەرلەر تور بېتى، خىتاي يەر - زېمىن ۋە تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە خۇسۇسى شىركەتلەرگە كىچىك ۋە ئوتتۇرا كۆلەملىك ئويمانلىقلاردا نېفىت قىدىرىش ھوقۇقى بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى نېفىت ۋە تەبئىي گاز تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى چاڭبو، نېفىت قىدىرىش ھوقۇقىنى رىقابەتكە ئېچىۋېتىش كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن چى چاڭبونىڭ ئەسكەرتىشىچە، نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەلىرىنىڭ 85 % نى يەنىلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر كونترول قىلىدىكەن.
خىتايدا نېفىت قىدىرىش ۋە قېزىش ھوقۇقىنى خىتاي نېفىت شىركىتى، خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى، خىتاي دېڭىز ئوكيان نېفىت شىركىتى قاتارلىق گۇرۇھلار كونترول قىلماقتا. خىتاي نېفىت شىركىتى بۇ يىل 7 - ئايدا تارىم ۋادىسىدا نېفىت قىدىرىش نۇقتىسى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى،خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي بايلىقىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- Sinopec نىڭ كۆزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقىغا تىكىلدى
- تارىم ئويمانلىقى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى
- شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى بازارغا سالماقچى
- ئۇيغۇر دىيارى چەتئەل ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنى بېيىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلانماقتا
- خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى