ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نېفىت تۇرۇبىلىرى يەرلىك مىللەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا


2006.11.07

يېقىندا ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان "بوستۇن گلوب" گېزىتىدە "ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نېفىت تۇرۇبىلىرى يەرلىك مىللەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا" دېگەن تېمىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە، ئاپتور جاھانگىر پوشا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە گاز بايلىقىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە مىساللار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى.

"بوستۇن گلوب" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە "خىتايدىكى گاز ۋە نېفىتنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئايرىم بىر بۆلۈكى بولۇپ تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇملۇق جايلىرىدىن بايقالماقتا. خۇددى ئۆتكەن ئەسىردىكى ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى گاز ۋە نېفىتكە ئوخشاش، مەزكۇر جاينىڭ تارىم دەرياسى ئويمانلىقى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان" دەپ باشلانغان.

ئاپتور ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېڭىز بويىدىكى تەرەققى قىلغان شەھەرلىرىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە تۇتىشىدىغان، 4200 كىلومېتىر ۋە 2600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسى يولى قۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى مەزكۇر جايدىكى 7 يېرىم مىليون يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا" دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە "كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى خالايدۇ، ئۇلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جايدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ نارازى. ئۇلار يەنە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەزكۇر جايدىكى بايلىقتىن ھېچقانداق بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى چۈنكى پۈتۈن بايلىق خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلار پەقەت خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە" دەپ كۆرسەتكەن.

"بوستۇن گلوب" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نېفىت تۇرۇبىلىرى يەرلىك مىللەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا "دېگەن بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ "ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە گازدىن ئېلىنغان باجنىڭ 75 % ئى بىۋاستە بېيجىڭغا يوللىنىدۇ" دەپ ئىقرار قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.