ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى مول نېفىت زاپىسى بىلەن تەمىنلىمەكتە
2007.02.18
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى قىلىپ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. خىتاي خەۋەر ئاخبارات ۋاستىلرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، قارىماي نېفىتلىكىنىڭ ئۆتكەن يىللىق نېفىت زاپىسى 11 مىليون 910 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. ماي تاغ نېفىتلىكىنىڭ نېفىت زاپىسى بولسا 10 مىليون توننىغا يەتكەن.
نېفىت ئىشلىرىغا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدار، بۇ 10 يىل مابەينىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق نەتىجە دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكى، " غەرىپنىڭ نېفىتىنى شەرىققە يۆتكەش " بازىسى بولۇپ، خىتاينىڭ 10 دىن ئارتۇق شەھىرىنى گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە كورلا شەھىرى ۋە كۇچار ناھىيىسىنى، نېفىت سانائەت رايونى قىلىپ قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى سۈپىتىدە خىيتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەپ كەلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرگە سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ نامرات ھېساپلىنىدىكەن. ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلفۇن لىنىيىسىگە كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى مول نېفىت زاپىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىرغا قەدەر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ھەتتا بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ قورساق تويغۇزۇشقا مادارى يەتمەيدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىتلىكلەرنىڭ مەھسۇلاتى ئاشقان ئەمما ئۈرۈمچىدە قىشتا يېقىلغۇ يېتىشمەيدۇ
- خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نېفىت تۇرۇبىلىرى يەرلىك مىللەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز كانى بايقالدى
- تارىم ئويمانلىقى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى