ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول نېفىت بايلىقى كىمگە پايدا يەتكۈزمەكتە؟


2007.02.22

ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ 2006 ‏- يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون توننىغا، پۈتۈن بىر يىللىق نېفىت سېتىش كىرىمى 20 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىۋاتقان باش ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈئەن، ئۈرۈمچى خىمىيە - نېفىت سانائىتى شىركىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە باھا بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي بوشاشماي يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن سىرت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مول بولغان كۆمۈر قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىگە تايىنىپ، تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مول نېفىت زاپىسىدىن پايدىلىنىپ" غەربنىڭ نېفىت ‏- گازىنى شەرىققە يۆتكەش" قۇرۇلۇشى قاتارلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىنى نېفىت ۋە گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر خىل يەر ئاستى بايلىقلىرىغا، جۈملىدىن مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ بۇ بايلىقلار بىلەن تەرەققى قىلغان ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان باي رايونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى نامرات رايونلاردىن بىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر زېمىنىدىن چىققان بايلىقنىڭ 1 % نىمۇ، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەرپ قىلمايدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.