خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقچى


2007-03-09
Share

فوربىس ژورنىلى تورىنىڭ 9 - مارت بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش، بۇرغىلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن 30 مىليارد يۈئەن خىتاي پۇلى مەبلەغ سالىدىكەن.

خىتاي نېفىت تەبىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جىيا چېڭزاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاشقا 17 مىليارد يۈئەن ئاجىرتىلىدىكەن. لېكىن ئۇ باشقا تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي ھۆكمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2006-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى 1.29 تىرىليون كۇب مېتىر ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئى 10 ترىلىيون كۇب مېتىر تەبئىي گاز زاپىسى بارلىقى تەخمىن ئېتىلمەكتە. تارىم نېفىتلىكى خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئۆتكەن يىل 11 مىليارت كۇب مېتىر تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرغان. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت