بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن 19 -مارت بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ 2006-يىلىدىكى ساپ پايدا نىسبىتى 6. 6 پرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىشنى مۆلچەرلەۋىتىپتۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 142. 22 مىليارد يۈئەن بولۇپ، 2005 يىلىدىكى 133. 36 مىليارد يۈئەندىن 6. 6 پرسەنت ئۆرلىگەن.
شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى نىسبەتەن تىز ئىكەن، بۇ خىل ھالەت نېفىت ۋە تەبىي گازغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدىكەن. خىتاي ۋە چەتئەللەردىكى نېفىتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بۇ شىركەتنىڭ پايدا نىسبىتى يەنە يۇقىرى كۆتىرىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2006-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى 1. 29 تىرىليون كۇبمېتىر ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئى 10 ترىليون كۇب مېتىر تەبئىي گاز زاپىسى بارلىقى تەخمىن ئېتىلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم نېفىتلىكى ۋە باشقا بىرنەچچە چوڭ تەبىي گاز ۋە نېفىتلىكلەر خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ بۇ يىل 11 مىليارد كۇبمېتىر تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرغان.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ئالغان نەچچە يۈز مىلياردلىق پايدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن توشۇپ كېتىلگەن نېفىت ۋە تەبىي گازلار زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بۇ پايدىلار ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئازراقمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن. (جۈمە)