ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 70مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ جيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 70مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى خېيلوڭجياڭ ۋە شەندۇڭدىن قالسىلا، كۈنىگە 70 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرالايدىغان 3- ئۆلكە بولۇپ قالغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىمالىي جۇڭغار نېفىتلىكى ۋە قاراماي نېفىتلىكىلىرىمۇ كۈنىگە 32 مىڭ توننا، جەنۇبىي تارىم نېفىتلىكى 16مىڭ 800 توننا، تۇرپان- قۇمۇل نېفىتلىكى 5مىڭ 700 توننا ۋە خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتى قارمىقىدىكى نېفىتلىك 13مىڭ توننا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا نېفىتلىكلەرنى قوشقاندا جەمئىي 70 مىڭ توننا بولغان. تاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 1953 ‏- يىلنىڭ بىر يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۇچىلەرنڭ بىلدۇرۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن 2005 - يىلى توشۇپ كەتكەن خام نېفىتنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى 24 مىليون توننا دەپ ئىلان قىلغان. ئەگەر بۇ يىللىق سۈرئەتنى كۈنىگە 70 مىڭ توننىغا يەتكۈزگەن بولسا، بۇ يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 25 مىليون توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن.

خىتايلار بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارىنى 1990 -يىلىدىن بېرى يىلغا 1 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. خىتاي نېفىت تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار غا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە بايقالغان نېفىت زاپىسى 30 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاي ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ 4 دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

دەل بۇ خەۋەر ئىلان قىلىنغان مىنۇتلاردا، خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتى غەربى تارىم تارماق شىركىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ لىمىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قوبۇل قىلغان پارا 140 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۈم قىلىنغان.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئىنتايىن كوپ بولۇپ، جاڭ لىمىڭدەك پاراخور خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. (جۈمە)