جۇڭغار ئويمانلىقى- ئۈرۈمچى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلانماقچى

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىسى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- ئاپرىل ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئايلانما شەكىلىدىكى يەرئاستى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشى ئىلىپ بارماقچى.

جۇڭغار ئويمانلىقى- ئۈرۈمچى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تەتقىقات دوكلاتى يېقىندا تەستىقلانغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۇرۇبا لىنىيسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى بىر رايوندىن باشلىنىپ ئۈرۈمچىدە ئاياقلىشىدىكەن. بۇ لىنىيىنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 141 كىلومېتىر بولۇپ يىللىق گاز يەتكۈزۇش مىقدارى 3 مىليارد كۇپ مېتىر ئىكەن. پۈتۈن قۇرۇلۇشقا 326 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كىيىن، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق رايونلارنى تۇتاشتۇرۇپ جۇڭغار ئويمانلىقى ئايلانما تۇرۇبا لىنىيىسى تورىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي يەركۆلىمى 130 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، 8 مىليارد 600 مىليون توننا نېفىت ۋە 2. 1 تىرىليون تەبىئىي گاز زاپىسى بار. ھازىرغا قەدەر ئايرىم -ئايرىم ھالدا بۇ بايلىق زاپاسلىرىنىڭ 21. 5 پىرسەنت ۋە 3. 66 پىرسەنت قىسمى قىدىرىپ تەكشۈرۈلگەن.

جۇڭغار ئويمانلىقى تەبىئىي گاز لىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل قاراماي نېفىتلىكىنىڭ 2006 ‏- يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 11 مىليون 900 توننا، تەبىئىي گاز ئىشلەپچقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 900 مىليون توننا بولغان ئىدى. (جۈمە)