تارىم نېفىتلىكىدىن توشۇپ كېتىلگەن تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى 29 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى
2008.01.14
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاينىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا توشۇپ كېتىۋاتقان تەبىئىي گاز نسىبتى يىللاردىن بېرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەنكى ئۈچ يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئىلى تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىغا توشۇپ كېتىلگەن تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى 29 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىدە ئۆتكەن يىلىلا، تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان تەبىئىي گاز 13 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن 12 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئۆتكەلدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشچە، 2004- يىلى تاماملانغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ھازىر 5 مىڭ 900 كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ لىنىيە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ، گەنسۇ، نىڭشىيا، خېنەن، جياڭسۇ قاتارلىق ئون ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا شاڭخەي شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە يەنە، ھازىر ئەركىن بازاردىكى تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي نېفىت سانائەت گۇرۇھى، 2005- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ تارىم نېفىتلىكىدىن گاز توشۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ يۆتكەش قۇرۇلۇشنى باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ غەربى بۆلىكىنىڭ يىللىق توشۇش مىقدارى 17 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى









