ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇپ قالىدىكەن
2005.06.14
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىلدا 50 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى داچىڭ نېفىتلىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"جوڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىرىقىش مىقدارى ئاخىرىدا 100 مىليون توننىغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىليون توننىغا چىققاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي نېفىت ئىستىمالىنىڭ 60 ٪ نى تەمىنلەيدىغان رايون بولۇپ قالىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2004 - يىلى 22 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، داچىڭنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان نېفىتى 4 ٪ تۆۋەنلىگەن. داچىڭ 2004 - يىلى 46 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدى. خىتايدىكى خام نېفىت زاپىسىنىڭ 30 ٪، تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ 34 ٪ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان.
ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر تۇرپان، قاراماي قاتارلىق جايلاردا نېفىت قېدىرىش مەشغۇلاتىنى تېزلىتىدىكەن. 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانائەت ئىگىلىكىنىڭ 60 ٪ نى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتى ئىگىلىگەن.
دائىرىلەر، ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىنى ئېچىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئەمما مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەت مونوپولىيىسدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ئۇيغۇرلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلالمايدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قارا 2 - تەبىئىي گازلىقىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىي گازلىرىنى يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
- خىتاي، قازاقىستان- خىتاي نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- خىتاي نېفىت- خىمىيە شىركىتى، ئۇيغۇر ئىلىدا نېفىت سانائىتىگە يەنە مەبلەغ سالىدۇ
- تارىم نېفىتلىكى، نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىغا 3 مىليارد يۇەن مەبلەغ سالدى