ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى قىلىنماقچى
2006.03.09
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت سانائەت بازىسى شۇنىڭدەك قۇرۇقلۇقتىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ، خىتاي ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك خىزمىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2010 -يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يىللىق نېفىت، تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 مىليون توننىغا، 2020 - يىلى 100 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.
ئىسمايىل تىلىۋالدى سۆزىدە يەنە، نېفىت زاپىسى ئېنېرگىيىسىدىن باشقا، بۇ زېمىننىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ خىتاي كۆمۈرىنىڭ 40 % ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەۋزەللىكنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايلىقى، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە ئالاھىدە رول ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا يەنىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىمىغان. ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفۇن لېنىيىسىگە كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى چەت يېزا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ھەتتا توك بېكىتىلمىگەن ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كۇچارنى ئەڭ چوڭ نېفىت-خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش بازىسى قىلماقچى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
- خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى
- ج خ نازارىتى ئۈرۈمچىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى