ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي گازنى، نېفىت ۋە گازغا مۇھتاج بولغان، خىتاينىڭ شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىگە يۆتكەيدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پەيشەنبە كۈنى تىجارىتىنى باشلىماقچى.
شاڭخەي -تارىم ۋەياكى غەرب-شەرق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى دەپ ئاتالغان بۇ تۇرۇبا يولى خىتاينىڭ ئەڭ ئۇزۇن تۇرۇبا يولى بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن 5 مىليارد 200 مىليون ئامرىكا دوللىرى پۇل كەتكەن. قۇرۇلۇشىنى 2002 - يىلى ئىيۇل ئېيىدا باشلانغان تۇرۇبا يولى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۇنجى قېتىم شەنشى ئۆلكىسىدىن شاڭخەيگە تەبىئىي گاز يۆتكەشكە باشلىغان. خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي گاز چىقىرىش مەركەزلىرىدىن شاڭخەيگە تەبىئىي گاز يۆتكىلىشكە باشلايدۇ.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي- تارىم تۇرۇبا يولى يىلدا 17 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئىشلەشكە باشلىغان چاغدا، ئۇيغۇر ئېلىگە يىلدا 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كىرىم ئېلىپ كېلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، تارىم-شاڭخەي تۇرۇبا يولى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا چوڭ ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۇ تۇبا يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىدىن يەنىلا خىتايلار پايدىلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا، مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا مۇ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.(قانات)