ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئي گاز زاپىسى يەنە كۆپەيدى


2007-06-04
Share

31- ماي جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تارىم دەريا نېفىتلىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق قۇدۇقلىرى ۋە زاپاس قۇدۇقلىرى ھوسۇل بېرىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر تارىم نېفىتلىك تەۋەسىدىكى 600 كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە 200 مىليون توننا نېفىت زاپىسىغا ئېرىشىش مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىدا 31- ماي جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتى مەسئۇلىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 11- ئاپرىل تارىم دەريا نېفىتلىكى 12 رايوندا يۇقىرى ھوسۇللۇق قۇدۇق بايقىغان. AD4 قۇدۇقىنىڭ شۇ كۈنلۈك سىناقتا ئېلىنغان نېفىت مىقدارى 1018 توننىغا يېتىپ تارىم دەريا نېفىتلىكىدىكى مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى قۇدۇققا ئايلىنىپ قالغان ھەمدە شۇنىڭغا يانداش ھالدا، AD5، AD7 قۇدۇقلىرى ۋە باشقا زاپاس قۇدۇقلىرى كەينى-كەينىدىن ھوسۇل بېرىشكە باشلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ئايدا قارىماي نېفىت رايونى ماناس دەريا ۋادىسىدا 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىغان بولۇپ، بۇ قارىماي نېفىت رايونى تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ گازلىق بولۇپ قالغان ئىدى.

ھازىر بۇ گازلىقتىن گاز ئېلىش باشلانغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ماناس دەريا ۋادىسىدا 100 قۇدۇقتىن كۈنىگە تەخمىنەن 1 مىليون 470 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئي گاز ئالغىلى بولىدىكەن.(جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت