خىتاي پىچاندا خام نېفىت ئامبىرى ياسىماقچى


2007.07.05

خىتاي نېفىت ‏- تەبىئىي گاز شىركىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان خىمىيە - سانائەت رايونىدا كۆلىمى 8 مىليون كۋادرات مېتىرلىق خام نېفىت زاپىسى ساقلايدىغان بىر ئامبار ياساشنى پىلان قىلماقتا.

مەركىزى ئاگېنتلىق پەيشەنبە كۈنى پىچان خىمىيە سانائەت رايونىنىڭ مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مەزكۈر نېفىت زاپىسى ساقلايدىغان ئامبار ئۈچۈن 6 مىليارد 500 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2600 مو بولغان بۇ ئامبارنىڭ بۇ يىل 6 ‏- ئايدا رەسمىي ئىش باشلاپ كېلەر يىلى يىل ئاخىرغىچە پۈتۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۆلەت دەرىجىلىك مەزكۈر نېفىت زاپىسى ئامبىرى قۇرۇلۇشى، خىتاي ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، خىتاي يەنە ، باشقا ئۆلكىلەردە ئۈچ چوڭ نېفىت ئامبىرى قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىچان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى نېفىت زاپىسىنى خىتاينىڭ شەرقىگە يۆتكەشتە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم قاتناش لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئىلى، ئېنېرگىيە جەھەتتە خىتاينىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورنى بولۇپ، خىتاي بۇ رايوندىن چىققان ۋە قازاقىستاندىن توشۇپ كېلىنگەن نېفىتنىڭ توشۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلىرىنى خام نېفىت ئامبارلىرىدا ساقلاشنى پىلانلىماقتا . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.