ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،31 - ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 6دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 30 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى بېسىپ ، 312 دۆلەتلىك تاش يولىدا ماڭغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى پىچانغا ئۈچ كىلومېتىر قالغان ئارىلىقتا بۇزۇلۇپ قېلىپ ، باكتىكى 30 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېقىپ كەتكەن.
ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پىچان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زەھەرلىك سۇيۇق گازنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن بولۇپ ، دەرھال مۇتەخەسسىس ، ئۆت ئۆچۈرۈش، ساقچى ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.
نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن بىر قانچە كىلومېتىر دائىرىدە قاتناش قامال قىلىنغان بولۇپ ، بەلگىلىك دائىرىدە قاتناش توسۇلۇش كېلىپ چىققان .
ھازىرغىچە بۇ گاز قېچىش ۋەقەسىدە بىرەر كىشىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقى بايقالمىغان ، شۇنداقلا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ساقچى دائىرىلىرى پەقەت سۇ چېچىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ۋەقە زور دەرىجىدە مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن . (گۈلچېھرە)