دۈشەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، خىتاينىڭ ئىككىنچى قېتىملىق غەربتىن شەرققە، ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي، تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشى ھەققىدە قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەبئىي گازىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە تەشنا بولغان شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىغا توشۇيدىغان مەزكۇر تەبئىي گاز تۇرۇبىسى خىتاينىڭ 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىرىدىن ئۆتىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشى 2008- يىلى باشلىنىپ، 2010-يىلى گاز توشۇشنى رەسمىي باشلايدىكەن. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇزۇنلىقى 7000 كىلومېتىر كىلىدىغان مەزكۇر تۇرۇببا يولى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلرىدىن ھەر يىلى 30 مىليارد كۇپمېتىر تەبئىي گاز، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزىلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)