ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا


2007.10.08

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ يېقىنقى تېزىسلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2020- يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلى خىيالدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.

خىتاي ئىلىم-پەن نەشرىياتى بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ھازىر ، خىتايدىكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 4 تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 2006- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 24 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىپ خىتاي بۇيىچە 3- ئورۇنغا ئۆتكەن. ئەمما تەبىئىي گاز زاپىسى جەھەتتە، ھازىرغىچە خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ سانائەتلىشىشىدىكى قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ ، ئۇ 2003- يىلى نېفىت ئىستېمال قىلىشتا ياپونىيىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، نېفىت ئىستېمالى جەھەتتە دۇنيادىكى ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولغاچقا، خىتاي سىياسىيونلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت سانائەت گۇرۇھلىرى نېفىت - ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا رايونلاردىكى نېفىت زاپاسلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىش، نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەمدە خام نېفىت ئامبارلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ھەرخىل ئامال چارىلارنى قوللانماقتا.

خىتاي ئىلىم-پەن نەشرىياتى تارقاتقان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئىككى يىل جەريانىدا، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە خىتاي نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت بايلىقلىرىنى ئېچىشتا 68.6 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ سالغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.