باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى


2007.12.07

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىدىكى ئاساسلىق نېفىتلىك باي ناھىيىسىگە جايلاشقان قاراماي ئىككىنچى تەبىئىي گازلىقىنىڭ يىللىق گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئون مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باي ناھىيىسىدىكى بۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق گازلىق، 1999- يىلى 9 - ئايدا بايقالغان بولۇپ، خىتايلار بۇنى ئېنېرگىيە " چوڭ تومۇرى" دەپ ئاتايدىكەن.

تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، مەزكۇر گازلىق 2004 - يىلىدىن باشلاپ گاز چىقىرىش باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغا كەلگۈچە 22 مىليارد كۇبمېتىر گاز ئىشلەپچىقارغان ھەمدە بۇ گازلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى رايونلارغا توشۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىر خىتايدىكى 80 چوڭ شەھەردىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم باي ناھىيىسى قارىماي 2- تەبىئىي گازلىقىدىن كەلتۈرۈلگەن تەبىئىي گازنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ماخې گازلىقى 5- دېكابىر تاماملىنىپ گاز ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ گازلىقنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون 500 مىڭ كۇبمېتىر بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.