غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى


2008.02.22

خىتاي نېفىت سانائىتى تارماقلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۇچۇن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى 22 - فېۋرال جۈمە كۈنى رەسمىي باشلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە،، 142 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9 مىڭ 102 كىلومېتىر بولۇپ غەربى ئۇچى ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلىنىپ شەرقى ئۇچى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى ۋە جۇجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى رايونلارغا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ھالقىغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيىسى بولۇپ، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى بىلەن ئۇلىنىدىكەن.

مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئىككىنچى تەبىئىي گاز يۆتكەش لىنىيىسى بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006- يىلى ئاپرېلدا خىتاينى زىيارەت قىلغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇراد نىيازوف بىلەن خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىش ۋە خىتاي - تۈركمەنىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسى بۇيىچە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مەزكۇر لىنىيىدە قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.