يەقىندا، خىتاي نېفىت گۇرۇھى غەربى دىيار نېفىت تۇرۇبا شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىغا ماكانلاشقان. بۇ شىركەت 2004-يىلى قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 8 مىليارد 200 مىليون يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئەلىدىن چىقىۋاتقان خام نېفىت ۋە تەييار نېفىتنى توشۇش ئۈچۈن كەرەكلىك بولغان نېفىت تۇرۇبا يوللىرى قۇرۇلۇشىنى ئەلىپ بەرىش قاتارلىق ۋەزىپە تۈرلەرنى ئۈستىگە ئالغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ شىركەت مەسئۇل بولۇپ، 15 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالغان.غەربى دىيار نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، غەربتە ئۈرۈمچى شەھىرىگە شەرقتە گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ يەتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ زور، ئومۇمى مۇساپىسى ئاڭ ئۇزۇن بولغان تۇرۇبا لىنىيىسى ئىكەن.
غەربى دىيار نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسىدە 2006-يىلى 7- ئايدا خام نېفىت يەتكۈزۈلۈش باشلانغان بولۇپ تەييار نېفىت يەتكۈزۈش خىزمىتى بۇ يىل 6- ئايدا باشلىنىدىكەن. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى تاماملانغاندىن كىيىن خام ۋە تەييار نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارى قوشۇلۇپ، يىلىغا 40 مىليون توننا نېفىت يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد يۈئەن بولىدىكەن.
ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نېفىت قۇرۇلۇشىغا سېلىۋاتقان مەبلىغى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت بايلىقلىرىنى تالان تاراج قىلىشقا سېلىنغان بولۇپ، يەرلىك خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
بۇ ھەقتە غەرب مەتبۇئاتلىرىمۇ ئوخشاش پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قېزىش ئىشلىرى توغرىسىدا بىر نەچچە چاتما خەۋەر يازغان ئاسىئا كاللىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى.دانىئەل سچەئارف، 2007-يىلى 2-ئاپرىل كۇنى بەرگەن مەلۇماتىدا مۇنداق يازغان: "تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، نېفىت قېزىش بۇ جايدىكى يەرلىك خەلققە يېتەرلىك پايدا كەلتۈرمىدى، بولۇپمۇ خىنجياڭ نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىدى". (جۇمە)