خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى
2006.07.14
جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە تەبئىي گاز قىدىرىش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماقچى ئىكەن.
جۇڭگو نېفىت شىركىتى، چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى يوشۇرۇن نېفىت ۋە تەبىي گاز زاپىسىغا مول رايوندا قىدىرىش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭگو نېفىت شىركىتى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " بىز چەتئەللىك مەسلەكداشلىرىمىزنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز ۋە نېفىت ئويمانلىقىدا ئورتاقلىشىپ قىدىرىش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىمىز " دەيدۇ. باياناتتا ، بەزى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرى بۇ پىلانغا قىزىقىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلىمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا رايونغا مەبلەغ سالماقچى بولغان چەتئەل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مۇھىت ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتى توغرىسىدا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرماقتا.
جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىگە ئېچىۋىتىلمەكچى بولغان تارىمدىكى نېفىت - تەبئىي گاز يوشۇرۇن زاپىسىغا مول 9 رايون 110 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى قاپسايدىكەن. جۇڭگو نېفىت شىركىتى بۇ رايونلارنىڭ كونكرېت جاي ئىسىملىرىنى تىلغا ئالمىغان، پەقەت تارىمنىڭ شەرقىي ۋە مەركىزى قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جۇڭگو تارىم نېفىتلىكىنى داچىڭنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى
- خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى
- نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى گۇاڭخۈينىڭ 200 مىليون دوللار پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2 نېفىتلىك 2005- يىللىق يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ بايقاش بولۇپ باھالاندى