خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئىككى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى
2005.08.17
خىتاي دائىرىلىرى دۆلىتىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى سەرخىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئىككى گاز تۇرۇبىسى ياساشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياسالماقچى بولغان بۇ تۇرۇبىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگىچە تۇتاشتۇرىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنى 1800 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسى قىلسا، يەنە بىرىنى 1500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېخى پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن خام نېفىت ماڭغۇزىدىكەن.
بۇ ئىككى گاز تۇرۇبىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى خىتاي نېفىتلىگى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا 14 مىليارد 6 يۈز مىليون يۈئەن يەنى 1 مىليارد 8 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇنداقلا بۇ ئىككى گاز تۇرۇبىسى كەلگۈسىدە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا سېلىنىۋاتقان چوڭ گاز تۇرۇبىسى بىلەن تۇتاشتۇرىلىدىكەن.
بۇ گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ، ئىلگىرى رىم خاندانلىقى بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرغان قەدىمقى ئىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىنىشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مول نېفىت بايلىقىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر بۇ ئىككى گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىرىدىن يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت، يەنە بىرىدىن 20 مىليون توننا خام نېفىت ماڭغۇزۇشنى پىلانلىماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2010 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىكەن
- تارىم نېفىتلىكى كۈندىلىك گاز مىقدارىنى 33 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكۈزمەكچى
- ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا دېكابىردىن باشلاپ نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇپ قالىدىكەن