ئۈرۈمچى - لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتتى
2005.10.11
خىتاي نېفىت شىركىتى ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ لەنجۇ شەھىرىگىچە بارىدىغان ئۈرۈمچى - لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى رەسمى پۈتكەن.
ئىگىلىشىمىزچە بۇ قۇرۇلۇش قوش لىنىيىلىك تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىر لىنىيىسىدە خام نېفىت، يەنە بىر لىنىيىدە پىششىقلانغان نېفىت ئېقىتىلىدىكەن. نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ لەنجۇغىچە بارىدىغان ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 14 مىليارد 600 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ تۇرۇبا يىلىغا 20 مىليون توننا خام نېفىت، 10 مىليون توننا پىششىقلانغان نېفىت ئېقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، يېقىندا ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە زاپاس مەنبەئەسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
بېيجىڭدا چاقىرىلغان كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىننىڭ ئالدىدا خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېن خۇي" گېزىتى، كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى رولىنى ئوينايدىغان رايون بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئاتىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئەمما خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، دائىرىلەرنى رايوننىڭ مۇھىتى ۋە سۇ مەنبەئەلىرىنى بۇلغاش، ئۇيغۇرلارنى بۇ تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى ئېنېرگىيە كرىزىسى مۇزاكىرە قىلدى
- گازپرېم شىركىتى خىتايلار بىلەن تەبئىي گاز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
- سانجى ئوبلاستىدا قانۇنسىز نېفىت قېزىش ئەھۋالى بايقالدى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
- خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى