خىتاي دائىرىلىرى قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان يېڭى بىر تەبىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق نېفىت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇرۇبا يولى كىلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا سېلىنىدىكەن. ئۇ، مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ يىلدا بىر مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قازاقىستاندىن سېتىۋالىدىغان بىر مىليون توننا نېفىتنى يۆتكەش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئېنېرگىيىگە قاغجىرىغان خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى، شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتلارنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ رايوندىكى نېفىت قېدىرىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنىڭ يەرلىكنىڭ ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇلغاپلا قالماي، يەرلىك خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ يېڭىدىن ياساۋاتقان قاراماي- ئۈرۈمچى تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 286 كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، 114 كىلومېتىرلىق بۆلىكى دېھقانچىلىق رايونىدىن ئۆتىدۇ. تۇرۇبا ياتقۇزۇش جەريانىدا، نۇرغۇن دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا قانچىلىك تۆلەم بېرىلىشى تېخى ئېنىق ئەمەس.
خىتايدا، ھەر خىل قۇرۇلۇشلار جەريانىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلىقى سەۋەبىدىن دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراپ، ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. (ئارزۇ)