خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھىم نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولغان قاراماي-ئۈرۈمچى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى 29 -ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى پىلاندىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى.
قاراماي-ئۈرۈمچى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 285 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ جەمئىي 12 شەھەر، ناھىيە ۋە دېۋىزىيىلەرنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش، خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ 2005 -يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 600 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان. شۇنداقلا دەسلەپكى پىلاندا بۇ قۇرۇلۇش ئەسلى كېلەر يىلى 8 - ئايدا پۈتمەكچى ئىكەن.
شىنجاڭ نېفىتلىگى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ئابدۇلئەھەت قېيۇم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىي گازلارنى يوللاش خىزمىتىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش بىلەن بىرگە، قازاقىستاندىن كىرىدىغان خام نېفىتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندىن كېيىنكى يۆتكەش خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە مۇراسىمدا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى باي قىلىشقا زور پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىلار بۇنىڭدىن يەنىلا خىتايلارنىڭ پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇرۇبا يولى يېقىندا پۈتىدۇ
- خىتاي قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزدى
- ئۈرۈمچى - لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتتى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە ئىككى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى
- ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا دېكابىردىن باشلاپ نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدۇ