خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەزگۈر سىياسى مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلغان بەش ژورنالنى پىچەتلىگەن
2005.04.25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسى، يېقىندا جەمئىيەتتىكى سەزگۈر سىياسى مەسىلىلەر توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بەش خىتايچە ژورنالنى پىچەتلەش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن. بۇ ژورناللار "پايتەختتىكى يېتەكچى"، "گۈزەل ھايات"، "ھارۋىكەش" ، "رەڭگارەڭ ھايات"، "جيۇ شاڭ" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسى يۇقىرىقى ژورناللارنى " قانۇنسىز نەشر قىلىنغان بۇيۇملار" دېگەن سەۋەبلەر بىلەن پىچەتلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى "پايتەختتىكى يېتەكچى"ژورنىلىنى جوڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر شۆبىسى بىلەن ئۈرۈمچى يىڭيۇ ئېلان سەنئەت چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى بىرگە چىقىراتتىكەن.
"گۈزەل ھايات"ژورنىلىنى خوڭكوڭدىكى بىر ساياھەت ژورنىلى بىلەن شىنجاڭ فېڭچى كۆرگەزمە سودا شىركىتى نەرش قىلاتتى. يۇقىرىقى ژورناللار ئىچىدىكى "ھارۋىكەش" نى "شىنجاڭ ياشلار ژورنىلى" بىلەن "خوڭكوڭ ئىقتىساد مۇنبىرى" بىرگە چىقارغان. "رەڭگارەڭ ھايات" ئۈرۈمچى ياڭخېي سودا چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلاتتىكەن.
شەرقىي تۈركىسيان ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىچەتلەنگەن يۇقىرىقى ژورناللارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسى سەزگۈرلىكى يۇقىرى قايسى مەسىلىلەر توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە " لېيفىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى" نى ئېلىپ باردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەتبۇئات ساھەسىدە تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى
- خىتاي دائىرىلىرى "شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىشقا باشلىدى
- خىتاي كومپارتىيىسى يەنە يېڭى ھەرىكەت باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر نۇرمەمەت ياسىننى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى