قىرغىزىستان ئالىي سوتى نىغمەت ھاجى بوساقوپنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن بىر ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى


2006.06.25

فارغانە.رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 24-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئاتابېك ئەخمەدوپنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نىغمەت بوساقوپنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھەقتە ئاتابېك ئەخمەدوپنىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرلارغا ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئەيىبلەشنىڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يازما شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشى بىلەن بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن ئاتابېك ئەخمەدوپنىڭ قىيناش ۋە قورقۇتۇش ئاستىدا بۇ جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئادۋوكات يەنە بۇ ھەقتە تىببىي ماتېرىيال مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا ئاتابېك ئەخمەدوپنى ئۇرۇش ۋە قورقىتىش ئارقىلىق ئۇنى جىنايەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نىنا زوتوۋا ئىسىملىك مەزكۇر ئادۋوكات خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمەلىيەتتە نىغمەت بوساقوپنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى كۆرگۈچىلەر قاتىلنىڭ ئوتتۇرا بويلۇق خىتايغا ياكى كورېيىلىككە ۋە ياكى تۇڭگانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار ئاتابېك ئەخمەدوپنىڭ قىياپىتىگە قىلچە ئوخشىمايدىكەن. ئادۋوكات ئاتابېك ئەخمەدوپ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىغمەت ھاجى بوساقوپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. كېيىن، بۇ دېلونى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇنى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان بولسىمۇ، ئەمما نىغمەت ھاجىنىڭ ئائىلىسى ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.