ئۇيغۇر ئېلىدە قىز-ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبەت پەرقى چوڭايماقتا
2005.01.31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىز-ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبەت پەرقى بارغانسېرى چوڭايماقتا ئىكەن.
"شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەسىلە ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە، قىز-ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كونترول قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى يىغىندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتە 1 مىليارد 300 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن دۆلەتنىڭ نوپۇسى كۆپ بولۇش ۋە بايلىقى يېتىشمەسلىك ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، قىز-ئوغۇللار نىسبىتىدىكى پەرقنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاۋالقى، پىلانلىق تۇغۇت ئۈچۈنلا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتەك كونا ئىدىيىنى ئۆزگەرتىپ، نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق ۋە مۇھىت قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى قارىشىنى تىكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قىز-ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي بويىچە بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، بۇ ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ دېققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتايدا قىز ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 100:119 بولغان. بۇ پەرق خەلقئارا ئۆلچەمدىن كۆپ يۇقىرى كېلىدىكەن. (پەرىدە)