ئۈرۈمچىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى


2005.03.09

ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدە 11868 بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە 2003 - يىلىغا قارىغاندا روشەن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئۆزگىرىش ستاتىستىكا دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاپتونوم رايوننىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا مىڭدە 8 پىرسەنت تۆۋەن بولغان. بۇ، پۈتۈن خىتايدىكى ئاز تۇغۇلۇش سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى يىلىغا 10٪ تىن ئېشىپ ماڭغان.

خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسى سانىنىڭ ھەر 10 يىلىدا بىر قاتلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.