خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى نىسبىتى يۇقىرى رايون، دەپ ئېلان قىلدى


2005.05.22

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان "تەڭرى تاغ تورى" نىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان نوپۇس ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 290 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى خىتاي بويىچە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ئىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان بولۇپ، 20 يىل ئىچىدە ئۈچ مىليون بالا ئاز تۇغۇلغان. نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 1975-يىلىدىكى 24 ٪ تىن 2004-يىلىغا كەلگەندە 10٪ كە چۈشۈرۈلگەن.

ئەمما، خىتاينىڭ بۇ خەۋىرىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى مەسىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. 1950-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاران 200 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي نوپۇسى بار بولۇپ، ئاھالىنىڭ 5٪ نى ئىگىلىگەن بولسا، ئۇلار سۈنىي ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ چىقىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىراقلا 8 مىليون ئەتراپىغا يەتكەن ھەم ئىزچىل كۆپيمەكتە ئىكەن.

بېيجىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى بوغۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ رايوندىكى سۈنىي ۋە تەبىئىي كۆپىيىشىنى داۋاملىق قوللاپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.