ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلىغا 300 مىڭ نوپۇس كۆپىيىۋاتامدۇ؟
2006.01.24
خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ " ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچى" دا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ "ئەمما شىنجاڭ يەنىلا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى خىتاي بويىچە ئەڭ تېز ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
" تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 10 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ئىچىدە " شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تېز كۆپىيىش سۈرئىتى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلەندى " دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ " ئەڭ ياخشى باسقۇچى" قانداق ئۇسۇللار بىلەن بەرپا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. " تەڭرىتاغ تورى"، 23 - يانۋار كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس بايلىقى ۋە مۇھىت خىزمەت يىغىنىدا، دائىرىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى كۆپ تۇغماقتا، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى. مەزكۇر تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە " نۇرغۇن يېزا- قىشلاقلاردا بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان نامرات، چەت رايونلاردا تۇغۇش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى" دەيدۇ. "
"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ تەكىتلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 15 يىل ئىچىدە 920 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. ئەمما خىتاينىڭ رايوندىكى نوپۇس سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنى رايونغا ئېقىپ كىرىۋاتقان كۆچمەنلەر نوپۇسىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇلارنى يەرلىك نوپۇس قاتارىدا ھېسابلىغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ش ئۇ ئا ر سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا ئالاقىدار ئورگانلارغا 11 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنى كونترول قىلىشنى بۇيرىغان. ش ئۇ ئا ر رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىغا قارىتا تەنقىدنى كۈچەيتمەكتە. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا خەلق ۋەكىللىرىگە پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇشنىڭ" گۇناھ" ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاخۇنۇمدىن پەتىۋا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى غەيرى ئىنسانى، دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بايىنغۇلىندا پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتى
- يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە "ياردەم قىلىش" نامى بىلەن كەلدى
- خىتاي، مەكىتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا پىلانلىق تۇغۇت قوللانمىسى تارقاتتى
- قەشقەرنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
- خىتاي يەنە بىر تۈركۈم كادىرلىرىنى قەشقەرگە ئەۋەتتى