ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى 2010‏- يىلغىچە 22 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ


2006.02.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 2010 - يىلغىچە 22 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بۇ ساننىڭ مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدىغان كۆچمەن نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا، 11 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم " دەيدۇ. "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ بەش يىل ئىچىدە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نىشانى يېزىلارغا قارىتىلىدىكەن. نۇر بەكرى، نۇرغۇن يېزا ،قىشلاقلاردا بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا تۇغۇت سەۋىيىسى يەنىلا يۇقىرى " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نوپۇس مەسىلىسىگە باغلاپ، "ئەگەر نوپۇس ئۈنۈملىك تۈردە كونترول قىلىنمىسا، ئىقتىسادى تەرەققىيات نەتىجىسى يېڭى تۇغۇلغان نوپۇس تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىۋېتىدۇ " دەيدۇ.

ئەمما نۇر بەكرى، 1950 - يىللاردا 6 % نى ئىگىلەيدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ ھازىر 50% دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ " ئىدىيىسى ئازات بولمىغانلىقتا " دەپ قارىغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، خىتاينىڭ سىياسىتىنى " ئىرقىي تازىلاش"، دەپ ئاتىغان. "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا1995 - يىلغىچە " پىلانلىق تۇغۇت شەرەپنامىسى" ۋە " يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلار شەرەپنامىسى" ئالغان ئائىلىلەر 820 مىڭغا يەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.