خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى نوپۇس ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى
2006.03.22
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى نوپۇس ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى. تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 20 مىليون 135 مىڭغا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئىككى مىليون 333 مىڭغا يەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2000 - يىلى 11 - ئايدىكى بەشىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئېلان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق نوپۇسى 18 مىليون 459 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بەش يىلى ئىچىدە بىر مىليون 620 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس ئاشقان. دېمەك، ھەر يىلى تەخمىنەن 324 مىڭدىن ئەتراپىدا ئادەم كۆپەيگەن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللاردىن كۆپ بولۇپ، 51.22% نى ئىگىلەيدىكەن.
مەزكۇر خىتاي ئاخباراتىدا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئىككى مىليون 330 مىڭدىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دائىمىي نوپۇسى ئۈچ مىليون 650 مىڭدىن ئېشىش بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەت ھېسابلانغان. ئەمما، مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئەھۋالى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇس پەرقىگە ئائىت ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بىراق، ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپىيىش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشقان ھەم ئاشماقتا.
خىتايلار 1949-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ ئاران 5%نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا خىتاي نوپۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما، ھازىر خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلاردا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئەسلىدىن مۇتلەق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالغان.( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى قېرىلىشىشقا يۈزلەنمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى 2010- يىلغىچە 22 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلىغا 300 مىڭ نوپۇس كۆپىيىۋاتامدۇ؟
- خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى نىسبىتى يۇقىرى رايون، دەپ ئېلان قىلدى
- ئۈرۈمچىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى