ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى
2006.03.19
3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقا شىتاتلار ھەم دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر نورۇز پائالىيىتىگە قازاقىستاننىڭ يەركەنت شەھىرىدىن كەلگەن "يەركەنت بۇلبۇللىرى" ناملىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىملىق ناخشا - مۇزىكىلىرى بىلەن سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. شۋېتسىيىدىن كەلگەن ناخشىچى كۈرەش كۈسەن ۋە سابىق ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى سۇلتان مەمەتوپ قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئىجادىيەتلىرىنى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلدى.
ۋىرگىنىيا ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت گۇرۇپپىسى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
ئېچىلىش مۇراسىمدا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىققانلىقىغا نەق بىر يول توشقان كۈنگە توغرا كەلگەن مەزكۇر نورۇز بايرىمىدا قېرىنداشلىرى بىلەن شات-خورام ھالدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي تۈرمىسىدە يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ گۇناھسىز ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
14-مارت كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مۇراسىمدا سۆز قىلغان دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لانتوسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نورۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەنە شۇنداق خۇشاللىق ھېسسىياتلار بەخش ئېتىلگەن كۈنلەرگە توغرا كەلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىمەكچى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە "ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت