غەرب مەملىكەتلىرىدە نورۇز بايرىمى


2006.03.22

ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي ۋە پارس تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى زىچ ياشايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن باشقا يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل بىر قىسىم غەرب مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى ھەر يىلىدىكىدىن داغدۇغۇلۇقراق ۋە مەزمۇنلۇقراق ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ 19-مارت كۈنى تورونتو شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر بايرام پائالىيىتىگە كانادانىڭ تورونتو، مونترېئال ۋە باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

بىلدۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ياۋروپادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەردە نورۇز ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن سىرت يەنە ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى نورۇز پائالىيىتى 24-25-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدىكەن.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، غەرب مەملىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋا پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ۋە نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇھىم مىللىي پائالىيەتلەرنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ھەمدە يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مىللىتى ھەم ۋەتىنىنى سۆيۈش روھىنى قوزغىتىش مەزمۇنلىرىمۇ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.