داڭلىق تەمبۇرچى نۇرمەمەت تۇرسۇن ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق تەمبۇر ماھىرى نۇرمەمەت تۇرسۇن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولىشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.

نۇرمەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن داڭلىق تەمبۇرچى بولۇپ، ئۇ 90 - يىللاردا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، " تەمبۇر شاھى"، " تەمبۇرۇم"،" كۈن ۋە تۈن " قاتارلىق VCD پىلاستىنلىكىنى ۋە ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان " ئەجەم"، " لىۋەن يارلار" قاتارلىق ئاھاڭلىرى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.

بىراق، مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ سەنئەتكارلىق ھاياتى 2001 - يىلى زور زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ 2001 - يىلىدىكى يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە، شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت " قانغا بويالغان ناخول " ناملىق شىئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ - كۆلەمدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتنى قوزغىغان. ھەمدە نۇرمەمەت تۇرسۇننى جازالاپ، ئۇنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىنى چەتكە قاققان ئىدى.

چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)