نۇر بەكرى بېيجىڭدا "ئۈچ خىل كۈچلەر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى


2008.03.04

شىنخۇا تورىنىڭ 4 - مارت خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان ئۆلكە رەئىسى سۈپىتىدە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان خىتاي 11 - نۆۋەت سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان نۇر بەكرى، سەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

نۇر بەكرى " قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىنىۋاتقان بىر خىل مائارىپ سىياسىتى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەر، بۇنى ھۆكۈمىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايچە سۆزلەشكە قىستاۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە" دېگەن.

ئۇ يەنە تەكىتلەپ، قوش تىللىق مائارىپىدا ئاساسلىنىۋاتقىنى يەنىلا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى، خەنزۇ تىلىمۇ باشقا تىل يېزىق بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم، مېنىڭ قوش تىل مائارىپىغا قارشى چىقىۋاتقان بۆلگۈنچىلەردىن سوراپ باققۇم بار،" ئەگەر قوش تىللىق مائارىپىدىن گۇمانلىنىشقا توغرا كەلسە چەتئەللەرگە چىقىپ چەتئەل تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقانلارنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك " دېگەن.

ئۇيغۇرلار شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە پائالىيەتچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىۋاتقان بىر تىللىق ھەمدە مەجبۇرىي قوللىنىۋاتقان مائارىپ سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، چەتئەللەردە قوللىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئەركىن ھالدىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

نۇر بەكرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەر، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلماقتا دېگەن بايانلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ " خىتاي يېتىشتۈرگەن دەل نۇر بەكرىدەك بىر قىسىم كادىرلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلاشتۇرماقتا " دېدى.

نۇر بەكرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئاكتىپ ھەم مۇھىم ئەمەل تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرىمۇ قوش تىللىق مائارىپنى ئىزچىل ھەم كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ " تۇڭگانلارنىڭمۇ تىلى يوق، مىللەت بولۇپ تۇرۇۋاتمامدۇ، خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ" دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.