نۇر بەكرى، " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2008.03.08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان نۇر بەكرى، شەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە رادىكال دىنىي كۈچلەر شىنجاڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ باياناتىدا " بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا باستۇرۇش ئۈچۈن، داۋاملىق سەزگۈر بولۇشىمىز كېرەك" دېگەن.
بۇ ئارىدا نۇر بەكرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ بېرى بولغان، شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، خاۋ شىياچىن، خىتاي كۈندىلىك گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ، پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار دەپ، كۆرسەتكەن.
خاۋ شىياچىننىڭ ئېيتىشىچە، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى، شىنجاڭ ئۈچۈن ئەڭ جىددىي تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، 1930 - يىلى ۋە 1944 يىلى ئىككى قېتىم، شىنجاڭدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ھېلىمۇ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسىنى يوقاتمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا شەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشقان، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە خەلقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە خەلقنى باي قىلىش چېگرا رايونىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا چاقىردى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇر بەكرى بېيجىڭدا "ئۈچ خىل كۈچلەر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى
- "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
- "شىڭداۋ" گېزىتى: ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
- نۇر بەكرى: «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى كۆز قارچىغىمدەك ئاسرايمەن»
- نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونغا بېكىتىلگەن قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نۇر بەكرى
- نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە سىياسىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا يول ئاچتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
- ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسى سەلىم يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا