ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى 28- سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە پۈتۈن خىتايدىكى 29 داڭلىق ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پاراۋان ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئەڭ مۇكەممەل دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يىغىلغان 100 گە يېقىن مۇخبىرلىرىغا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جەھەتلەردە تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان "ئاخبارات توربەتلىرىدە شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش" پائالىيىتىگە گەرچە، پۈتۈن خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدىن دېگۈدەك مۇخبىرلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىرمۇ چەتئەل ئاخباراتى ياكى چەتئەل مۇخبىرى قاتناشتۇرۇلمىغان. (قانات)
