نۇر بەكرى: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك"
2007.03.18
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكالىنىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى ئېچىلغان "ئاپتونۇم رايوننىڭ پارتكوم تەشۋىقات خىزمىتى" يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى "تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم خىزمەت. مۇقىملىق ھەمدە تەرەققىياتنى كۈزدە تۇتقاندا چوقۇم شىنجاڭنى چەتئەئەلەرگە تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك" دېگەن.
خىتاي پارتكومىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەن ئىلگىرى، "چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلنىپ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىگە ھەمدە سىرتقا بولغان تەشۋىقات خىزمىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك " دەپ ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات ئورگانلىرى ھەر خىل قوشنا دۆلەت ۋە باشقا چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكلىرى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنىچ، خەلقنىڭ بولسا ئىتتىپاق، باراۋەر، باياشات دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.
2005 - يىلى ھەر بىر ئىدارە ئورگان ھەتتا شىركەت كارغانىلارغىمۇ تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى نامىدا مەخسۇس ئورگانلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارلىنىشىنى قاتتىق كونتورل قىلماقتا.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىملىرىنىڭ -2005 يىلى -8 ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىمۇ يەرلىك پارتىيە ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ كونتورۇللىقىدا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- نۇر بەكرى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- دۇنيا مەتبۇئاتلىرى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى سۆزلىرىگە باھا بەرمەكتە