نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن
2008.01.22
22- يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمىتى 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى 3- قېتىملىق ئومۇميىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنى بېكىتىپ چىققان.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا يەنە،9 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسلەر بېكىتىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر خىتاي ، بىر نەپەر قازاق قاتارلىقلار بار.
" ئۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاللاپ بېكىتىلگەن بىر قورچاق رەھبەر "
نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىغا قانداق قارايسىز دەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئالدى بىلەن نۇر بەكرىنى سايلاندى دەپ ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاللاپ بېكىتىلگەن بىر قورچاق رەھبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم: " رەھبەرلەرنى ئالماشتۇرۇش ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ"
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە باشلىق ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل سىياسەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 1949- يىلى ئۇيغۇر ئىلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ھەر بەش يىلدا ياكى 10 يىلدا بىر قېتىم يۈرگۈزۈلۈپ رەھبەرلەر ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە ، نۇر بەكرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بەزى سىياسەتلەرنى كۈچەپ ئىجرا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئاتالمىش "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتىنى داۋاملىق تەكىتلەپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئالىي مائارىپ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىغا قوشقان تۆھپىسى سەۋەبلىك خىتاي ئۇنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى بىلەن تارتۇقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم: "نۇر بەكرى خىتايلارنىڭ گۇماشتىسى"
خانىم يەنە ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ نۇر بەكرىنى رەئىس دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ، پەقەت قورقۇپ رەئىس دەپ ئاتاپ قويىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئۇيغۇر رەئىسلەر بىلەن بولغان پەرقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىلگىرىكى رەئىسلەرنىڭ ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مائارىپ سەھنىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا خىتايلارغا ئۇنچىلىك گۇماشتىلىق قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تور بەتلىرىدە نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما خىتاينىڭ باشلىق بەلگىلەش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى، مەيلى قايسى دەرىجىلىك باشلىق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېكىتىدىغانلىقىنى بۇنى ھەرگىزمۇ سايلام دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
" ئۇ ئۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ سادىق چاكار سۈپىتىدە كۆرسىتەلىدى "
نۇر بەكرىنىڭ، 1989- يىلى 11- ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرېتارى بولغاندىن، 2007- يىلى 12 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇۋەققەت رەئىس ۋە رەئىس بولغانغا قەدەر جەرياندا شۇنچە كۆپ دەرىجە توسۇقلىرىدىن مۈدۈرۈپ كەتمەي ئۆتۈپ، تىز ئۆرلىشىدىكى سىر ئۈستىدە توختالغان ئىلشات ئەپەندى ئۇنىڭ ئۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ سادىق چاكار سۈپىتىدە كۆرسىتەلىگەنلىكىدە دېدى.
ئۇيغۇر تىلىنى ئالىي مائارىپ سەھنىسىدىن ئەمەل قالدۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى كرىزىسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ
كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇيغۇر تىلىنى ئالىي مائارىپ سەھنىسىدىن ئەمەل قالدۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە كەلگۈسى مەۋجۇدلۇقىغا ئىنتايىن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ۋە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان مىللىي كىملىكى كرىزىسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ دەپ تونۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدە قوش تىل مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان پەيتلەردە، نۇر بەكرى ئەكسىچە ئۇيغۇر ئىلىدە قوش تىل مائارىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ جانلاندۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ھەر خىل نۇتۇقلارنى سۆزلەپ خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ۋە ئاكتىپلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نۇر بەكرىنىڭ ھوقۇق سەھنىسىگە چىقىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زىيانلىق
نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە رەئىسلىك سەھنىسىگە چىقىش بىلەن ھازىر ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي كىملىكىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
2007- يىلى 12- ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنىدا ، شۇ ۋاقتتا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ، نۇر بەكرى مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونغا بېكىتىلگەن قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نۇر بەكرى
- نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە سىياسىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا يول ئاچتى
- نۇر بەكرى : سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك
- ئىسمايىل تېلېۋالدى، نۇر بەكرىلەر خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەسلىھەت ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان
- نۇر بەكرى: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك"
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- نۇر بەكرى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى